مىنىستىر شىمشەك داڭلىق ياپون شىركەتلىرىنىڭ دىرېكتورلىرى بىلەن كۆرۈشتى

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ياپونىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاكاخىكو كاتسۇماتا ۋە بىر قىسىم داڭلىق ياپون شىركەتلىرىنىڭ دىرېكتورلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2025753
مىنىستىر شىمشەك داڭلىق ياپون شىركەتلىرىنىڭ دىرېكتورلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ئىلگىرىكى ئىسمى Twitter بولغان  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان داڭلىق ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ دىرېكتورلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتا مەزكۇر دىرېكتورلارنىڭ تۈركىيەدىكى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر – تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ياپونىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز. ئۇچرىشىشىمىزغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ۋە قىممەتلىك تۆھپىسى ئۈچۈن، ياپونىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى تاكاخىكو كاتسۇماتاغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سالغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە قوشۇمچە قىممەت يارىتىدىغان بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلىرىمىزنى قىزغىن قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر