تۈركىيە شىركەتلىرى ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى
مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىسدە 4 تۈركىيە شىركىتى «دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 100 مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مەركەز قىلغان «‹Defense News› ژۇرنىلى» نىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 100 مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى» تىزىملىكىدىكى تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ سانى 4 كە يەتتى.
«‹Defense News› ژۇرنىلى» «2023 – يىلللىق دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 100 مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ تىزىملىكتىكى 2022-يىلى 3 بولغان تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىنىڭ سانى بۇ يىل 4 كە كۆپەيدى.
ئۆتكەن يىلى تىزىملىكنىڭ 49-قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ھەربىي ئېلېكترون سانائىتى گۇرۇھى (ASELSAN) بۇ يىل 47-قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ، تۈركىيە شىركەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ قالدى.
بۇلتۇر 67-قاتاردىن ئورۇن ئالغان تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى گۇرۇھى بۇ يىل 58-قاتاردىن ئورۇن ئالدى.
2022 – يىلى 86 – قاتاردىن ئورۇن ئالغان راكېتا سانائىتى ۋە سودا ھەسسىدارلىق شىركىتى (ROKETSAN) 2023 – يىلى 80 – قاتاردىن ئورۇن ئالدى.
«‹Defense News› ژۇرنىلى» نىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 100 مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى» تىزىملىكىگە تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلگەن ھەربىي زاۋۇتلار ۋە كېمىسازلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى (ASFAT) 100-قاتاردىن ئورۇن ئالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.