ئانتاليا ئايرودۇرۇمى تارىخىدىكى بارلىق رېكورتلارنى  بۇزۇپ تاشلىدى

ئانتاليا ئايرودۇرۇمىدا ھەم نۆۋەتچى ئايروپىلان، ھەم يولۇچىلار سانى جەھەتتە تارىختىكى بارلىق رېكورتلار بۇزۇپ تاشلاندى.

2020947
ئانتاليا ئايرودۇرۇمى تارىخىدىكى بارلىق رېكورتلارنى  بۇزۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ساياھەتچىلىك داۋاملىشىۋاتقان ئانتاليادا ھاۋا قاتنىشىدىمۇ زىچلىق كۆرۈلمەكتە.

ئانتاليا ۋالىيسى ئەرسىن يازىچى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا شەنبە كۈنى ئايرودۇرۇمىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە يولۇچىلار سانىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئايرودۇرۇمدا بۇ ھەپتە ئىككى رېكورتنىڭ بىراقلا بۇزۇلغانلىقىنى بايان قىلغان يازىچى دۆلەت ئىچى لىنىيەسىدە 127، خەلقئارا لىنىيەسىدە 1063 بولۇپ، جەمئىي 1190 ئايروپىلاننىڭ ئۇچقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئايرودۇرۇمنىڭ ئەڭ كۆپ يولۇچى سانىغا يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، دۆلەت ئىچى لىنىيەسىدە 20 مىڭ 795، خەلقئارا لىنىيەدە 194 مىڭ 124 بولۇپ، جەمئىي 214 مىڭ 919 يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر