تۈركىيەنىڭ يېزا ئېگىلىكى ئېكسپورتى رېكورت ياراتماقتا
تۈركىيەنىڭ دانلىق زىرائەت، ياغلىق ئۇرۇق ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتى 7 ئاي ئىچىدە 6 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى (TIM) دانلىق زىرائەت، ياغلىق ئۇرۇق ۋە مەھسۇلاتلىرى كېڭىشىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ ساھەنىڭ ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %10.6 ئېشىپ، 6 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن.
ئىيۇندا 781 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇرغان دانلىق زىرائەت ياغلىق ئۇرۇق ۋە مەھسۇلاتلاىرى ئېكىسپورتى ئىيۇل ئېيىدا 1 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت بىلەن رېكورت ياراتقان.
ئالدىنقى 7 ئايدا ئەڭ كۆپ ئېكسپورت ئىراق ۋە ئامېرىكاغا قىلىنغان بولۇپ، ئېكسپورت نىسبىتى 10 ھەسسە ئاشقان ئىتالىيە 3 - ئورۇندا تۇرغان.
بۇ ساھەنىڭ يەنە بىر مۇھىم بازىرى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانغا بۇ مەزگىلدە 124 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئېكسپورت ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.