رىياد بىلەن كۇۋەيت تەبىئىي گاز ساھەسى بىتەرەپ رايونى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

كۇۋەيت بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پارس قولتۇقىدىكى دۇررا تەبىئىي گازلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بۆلۈنگەن بىتەرەپ رايون»نىڭ يالغۇز بۇ ئىككى دۆلەتنىڭلا ئورتاق مۈلكى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2019614
رىياد بىلەن كۇۋەيت تەبىئىي گاز ساھەسى بىتەرەپ رايونى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر رايوننىڭ بايلىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلەي ئىككى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى؛ باياناتتا: «خەلقئارا قانۇن ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ماس ھالدا، كۇۋەيت بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننى بۆلۈنگەن بىتەرەپ رايوننىڭ شەرقىي چېگراسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىران نېفىت مىنىستىرى جەۋاد ئوۋجى 2 – ئاۋغۇستتىكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئاراش / دۇررا تەبىئىي گازلىقى مەسىلىسىدە كۇۋەيت بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا تەييارلىقىنى كۇۋەيت تەرەپكە مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

بەسرە قولتۇقىدىكى 1967- يىلى بايقالغان ئاراش / دۇررا تەبىئىي گازلىقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىران بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا مەسىلە پەيدا قىلىپ كەلمەكتە. گازلىقنىڭ ئىران تەرەپتىكى قىسمىنىڭ «ئاراش»، كۇۋەيت تەرەپتىكى قىسمىنىڭ «دۇررا» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى مەلۇم.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كۇۋەيت 2022- يىلى مارتتا دۇررا تەبىئىي گازلىقىنى ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.

ئىران بولسا، بۇ كېلىشىمنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندا بۇرغىلاش خىزمىتىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ يىل 7- ئاينىڭ 3- كۈنى كۇۋەيت ئىراننى رايوننىڭ دېڭىز چېگراسىنى بېكىتىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلغان، تېھران ھۆكۈمىتى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق بايانات بەرمىگەنىدى.

كۇۋەيت نېفىت مىنىستىرى سەئىد ئەلباراق 27- ئىيۇل بايانات بېرىپ: «كۇۋەيت ئىران بىلەن بولغان چېگرانىڭ بېكىتىلىشىنى ساقلاپ تۇرماستىن، دۇررا تەبىئىي گازلىقىدىكى چارلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر