ئانتالياغا مۇشۇ يەتتە ئاي ئىچىدە ئەڭ كۆپ ساياھەتچى رۇسىيە ۋە گېرمانىيەدىن كەلدى

ئانتاليا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىىۋاتقان شەھەر بولۇپ، ساياھەت ئىشلىرىدىكى ئىلگىرىلەش داۋاملاشماقتا.

2018968
ئانتالياغا مۇشۇ يەتتە ئاي ئىچىدە ئەڭ كۆپ ساياھەتچى رۇسىيە ۋە گېرمانىيەدىن كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 1-يانۋاردىن 31-ئىيۇل (2023) غىچە بولغان مەزگىلدە ئانتالياغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 8 مىليون 184 مىڭ 89 غا يەتكەن بولۇپ، بۇ سان «ئەڭ ياخشى يەتتە ئايلىق ساياھەتچىلەر سانى» سۈپىتىدە تارىختىن ئورۇن ئالدى.

ئانتاليا ئۆتكەن يىلى (2022) ئوخشاش مەزگىلدە 6 مىليون 688 مىڭ 513 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان ئىدى. بۇ يىل (2023) ساياھەتچىلەرنىڭ سانى %22 ئاشتى.

ئەڭ كۆپ ساياھەتچى يوللىغان دۆلەتلەر رەت تەرتىپىدە، رۇسىيە 1 مىليون 853 مىڭ 879 ساياھەتچى بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

رۇسىيەدىن قالسىلا گېرمانىيە 1 مىليون 638 مىڭ 603 ساياھەتچى بىلەن ئىككىنچى، ئەنگلىيە 716 مىڭ 991 ساياھەتچى بىلەن ئۈچىنچى بولدى.

پولشا، گوللاندىيە، قازاقىستان، رۇمېنىيە، ئىسرائىلىيە، چېخىيە ۋە ئۇكرائىنا ئەڭ كۆپ ساياھەتچى يوللىغان دۆلەتلەر رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى قاتاردىكى 10 دۆلەت ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.

ئىيۇلدا ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 2 مىليون 660 مىڭ 420 گە يېتىپ،  بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %11 ئاشتى.

ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى جەھەتتىمۇ ئانتاليا «ئەڭ ياخشى يەتتە ئايلىق ساياھەتچىلەر سانى» رېكورتىنى ياراتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر