رۇسىيە دوست بولمىغان دۆلەتلەردىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى
رۇسىيە دوست بولمىغان دۆلەتلەردىن بېلىق ۋە تەييار دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
بۇ دائىرىدە، دوست بولمىغان دۆلەتلەردىن بېلىق ۋە تەييار دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەردىن ھاراق ئىمپورت قىلىشقا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنىمۇ ئەسلىدىكى %12.5 تىن %20 كە ئۆستۈرۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە نورۋېگىيەدىن مەزكۇر مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى توختىتىش سەۋەبىدىن بازاردا كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان بوشلۇقنى يەرلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تولدۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.