ئىران شىركەتلىرى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا

ئىراننىڭ كىرمان ئۆلكىسىدىكى بولۇپمۇ كانچىلىق، ساياھەت ۋە دېھقانچىلىق ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەتلەر تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا.

2014189
ئىران شىركەتلىرى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پارلامېنتى ئىقتىسادىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كىرمان پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد رىزا پۇرئىبراھىمى كىرمان ئۆلكىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدە ئورنى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ سايىسىدا ئىراننىڭ مۇھىم ئۆلكىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ رايون كانچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك جەھەتتىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.»

پۇرئىبراھىمى كىرمان ئۆلكىسىدىكى شىركەتلەرنىڭ بۇ ساھەلەردە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ كان مەنبەلىرىنىڭ %  40 تىنىڭ كىرمان ئۆلكىسىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەمكارلىقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەلىك ئىقتىسادىي پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلەشمە يىغىن ئېچىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

ئۇ ھەم كانچىلىق ھەم ساياھەتچىلىك ساھەلىرىدە ياخشى يوشۇرۇن كۈچىگە ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل چاق بالونى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت شىركىتى بارېز چاق بالونى گۇرۇھىمۇ كىرمان ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىراننىڭ ئاپتوموبىل چاق بالونى ئېھتىياجىنىڭ% 30 ىنى قاندۇرىدىكەن.

بەزى دۆلەتلەرگە مەھسۇلات سېتىشقا باشلىغان بۇ شىركەت تۈركىيەگىمۇ ئاپتوموبىل چاق بالونى ئېكسپورت قىلىشنى نىشان قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر