تۈركىيەنىڭ زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورتى ئىيۇندا  %13.10 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورتى ئىيۇن ئېيى (2023) دا 3 مىليارد 50 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %13.10 ئاشتى.

2009557
تۈركىيەنىڭ زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورتى ئىيۇندا  %13.10 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى (JTR) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى (TIM) نىڭ ئالتە ئايلىق سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورتى ئالدىنقى يىل (2022) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %13.10 ئېشىپ، 3 مىليارد 50 مىليون دوللارغا يەتكەن.

بۇ مەزگىلدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىلىنغان ئېكسپورت مىقدارى %205 ئاشقان ۋە ئەسلىدىكى 29.9 توننىدىن 90 توننىغا ئۆرلەپ قىممەت بويىچە %58 ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

ئامېرىكاغا قىلىنغا ئېكسپورت مىقدارى %347 ئېشىپ، ئەسلىدىكى 40 توننىدىن 181.8 توننىغا يەتكەن.

دوللار ئاساسىدىكى قىممىتى %9 ئېشىپ، 505 مىليون دوللاردىن 550 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر