تۈركىيە كۇۋەيت بىلەن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېكسپورتى توختامى تۈزدى

كۇۋەيت بىلەن بايقار شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى تۈركىيە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى — نى كۇۋەيتكە ئېكسپورت قىلىش توختامى تۈزۈلدى.

1999329
تۈركىيە كۇۋەيت بىلەن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېكسپورتى توختامى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايقار شىركىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «كۇۋەيت دۆلىتى بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مىللىي قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىمىز — <بايراقتار ت ب 2> نىڭ ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك  توختام تۈزۈش مۇساپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق. ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رىقابەت مۇساپىسىنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى — مىللىي قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىمىز — <بايراقتار ت ب 2>، 2019 – يىلى چۆل شارائىتىدا 27 سائەت 3 مىنۇت ئۇدا ئۇچۇش ئارقىلىق ئەڭ ئۇزۇن بوشلۇقتا تۇرۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان كۇۋەيت ئاسمىنىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كۇۋەيت دۆلەتلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، كېلىشىم قىممىتىنىڭ 367 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر