ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 4 مىليوندىن ئاشتى
بۇ يىل ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 4 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.
1998232
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دېڭىز، قۇم، قۇياش ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن ئاقدېڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئانتاليا شەھىرىنىڭ 2023-يىلدىكى ساياھەتچى سانى ئېشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇلتۇر (2022) 1-يانۋاردىن 10- ئىيۇنغىچە ئانتالياغا ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق 2 مىليون 968 مىڭ 536 ساياھەتچى كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل (2023) ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %37 ئېشىش بىلەن 4 مىليون 62 مىڭ 891 ساياھەتچى كەلگەن.
بۇ يىللىىق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى ئىككى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئومۇمىي ساياھەتچى سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.