ھافىزە گايە ئەركان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى
دوكتور ھافىزە گايە ئەركان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قارارنامە ئېلان قىلىپ، دوكتور ھافىزە گايە ئەركاننى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى؛ شۇنداق قىلىپ، ھافىزە گايە ئەركان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال بولۇپ قالدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھافىزە گايە ئەركاننىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى قارارى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.
رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر قارارغا ئاساسلانغاندا، مەركىزى بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى پىروفېسسور دوكتور شاھاپ كاۋجىئوغلۇ بانكىلارنى باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.