مارمارىس ناھىيەسىگە چوڭ ساياھەت پاراخوتى يېتىپ كەلدى

پاناما بايرىقى ئاسقان چوڭ ساياھەت پاراخوتى «Crown İris»، مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسىگە 1580 ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى.

1996239
مارمارىس ناھىيەسىگە چوڭ ساياھەت پاراخوتى يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رودوس پورتىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، سەھەردە مارمارىس قولتۇقىغا كىرگەن 207 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ساياھەت پاراخوتى، مارمارىس ساياھەت پاراخوتلىرى چوڭ پورتىدا لەڭگەر تاشلىدى.

پاراخوتتا، 1580 ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچى ۋە 630 پاراخوت خادىمنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

تاموژنا رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن، ساياھەتچىلەر پاراخوتتىن چۈشۈپ، مارمارىس بازىرى، قەلئە ئىچى ۋە پاراخوت پورتىنى سەيلە قىلدى.

تارىخىي ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنىمۇ زىيارەت قىلغان بىر قىسىم ساياھەتچىلەر، داليان كاۋنوس سەيلىىسىگە قاتناشتى.

بۇ پاراخوت مارمارىس ناھىيەسىگە ئىككىنچى قېتىم كەلگەن بولۇپ، كېيىنكى بېكىتىنىڭ ئالانيا پورتى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر