تۈركىيە دېھقانچىلىق ساھەسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت سەۋىيەسىنى ياراتتى

دېھقانچىلىق ساھەسى 14 مىليارد 58 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت بىلەن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت سەۋىيەسىنى قولغا كەلتۈردى.

1995997
تۈركىيە دېھقانچىلىق ساھەسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت سەۋىيەسىنى ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا %4.8 ئاشقان يېزا ئىگىلىك ئېكسپورتى تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت سوممىسىنىڭ %13.7 نى ئىگىلىدى.

دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 10 ساھەنىڭ تۆتى بۇ يىل بەش ئاي ئىچىدە ئېكسپورت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

بۇ مەزگىلدە، دانلىق زىرائەتلەر، مايلىق ئۇرۇقلار ۋە مەھسۇلاتلىرى، يېڭى مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلار، زەيتۇن ۋە زەيتۇن يېغى، زىننەتلىك ئۆسۈملۈكلەر ۋە مەھسۇلاتلىرى ساھەسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت سەۋىيەسىنى ياراتتى.

دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا دانلىق زىرائەتلەر، مايلىق ئۇرۇقلار ۋە مەھسۇلاتلىرى ئىراققا 837 مىليون 249 مىڭ دوللارلىق، يېڭى مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات ساھەسى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە 402 مىليون 401 مىڭ دوللارلىق، زەيتۇن ۋە زەيتۇن يېغى ساھەسى ئىسپانىيەگە 172 مىليون 874 مىڭ دوللارلىق، زىننەتلىك ئۆسۈملۈكلەر ۋە مەھسۇلاتلىرى گوللاندىيەگە 19 مىليون 878 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر