تۈركىيەنىڭ گىلەم ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ گىلەم ئېكسپورتى ماي ئېيىدا % 48.5 ئاشتى.

1994575
تۈركىيەنىڭ گىلەم ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى گىلەمچىلىك ساھەسى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى سەلاھاتتىن قاپلان بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ گىلەم ئېكسپورتىنىڭ ماي ئېيىدا بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 48.5 ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭدىن  كىرگەن كىرىمنىڭ 234 مىليون 317 مىڭ يۈەنگە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ گىلەم ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر