تويوتا خېرىدارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئۇقتۇردى
تويوتا موتور (ئاپتوموبىل) شىركىتى، بۇلۇت ھېسابلاش تەڭشىكىدە كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن، ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە رايونلىرىدىكى خېرىدارلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى — تويوتا، بۇلۇت ھېسابلاش تەڭشىكىدە كۆرۈلگەن كاشىلا كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە دائىرىسىدە، ھازىرچە سانى ئېنىق بولمىغان خېرىدارلارنىڭ ئىسىم، تېلېفون، ئادرېس ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، ھازىرغىچە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئۇچۇرلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقى قەيت قىلىندى.
ياپونىيە شىركىتى — تويوتا ماي ئېيىنىڭ بېشىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر كاشىلا سەۋەبىدىن ئىككى مىليوندىن ئارتۇق تويوتا خېرىدارىنىڭ ماشىنا ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاممىغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.