ماي ئېيىدا ئېكسپورت رېكورت ياراتتى
تۈركىيەنىڭ ماي ئېيى ئېكسپورت مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.
1994560
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا، ماي ئېيىغا ئالاقىدار ئېكىسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.
ماي ئېيىدا ئېكسپورتنىڭ %14.4 ئېشىپ، 21 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر مۇش: «بۇ (تۈركىيەنىڭ) تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ماي ئېيى ئېكىسپورت قىممىتى. ئېكسپورتىمىز ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.