نۇرەتتىن نەباتى «ئىستانبۇل پۇل-مۇئامىلە مەركىزى» نىڭ 17-ئاپرېل ئېچىلىدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بەردى

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەتتىن نەباتى تۈركىيە ئەسرىگە يارىشىملىق بىر ئەسەر بولغان «ئىستانبۇل پۇل-مۇئامىلە مەركىزى» نىڭ 17-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1975418
نۇرەتتىن نەباتى «ئىستانبۇل پۇل-مۇئامىلە مەركىزى» نىڭ 17-ئاپرېل ئېچىلىدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر نەباتى ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا، جۇمھۇرىيەتنىڭ 100 - يىللىقى ھارپىسىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تۈركىيە ئەسرىگە يارىشىملىق بىر ئەسەر بولغان «ئىستانبۇل پۇل-مۇئامىلە مەركىزى» نىڭ 17 -ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرەتتن نەباتى پۇل-مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئىستانبۇلنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم پۇل-مۇئامىلە پايتەختلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىش يولىدىكى چوڭ قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «دۆلىتىمىزگە خەيرىلىك بولسۇن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر