خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى بۇ يىل ئۈچۈن %2.9 تىن %2.8 كە، 2024-يىلى ئۈچۈن %3.1 تىن %3 كە تۆۋەنلەتتى.

1973674
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر» دوكلاتىنىڭ 2023-يىلى 4-ئايدىكى سانىنى «قىيىنچىلىققا تولغان ئەسلىگە كېلىش» تېمىسى ئاستىدا ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن تېز ئۆرلىگەن تاۋار باھاسىنىڭ پەسەيگەنلىكى، ئەمما ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە گېئوپولىتىكىلىق سىياسىي جىددىيلىكنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، ئۆتكەن يىلى (2022) %3.4 ئاشقانلىقى مۆلچەرلەنگەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل (2023) %2.8، 2024-يىلى %3 ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 1-ئايدا ئېلان قىلغان مۆلچەرىدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 2023-يىلى %2.9، 2024-يىلى %3.1 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر