تۈركىيەنىڭ زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورتى ئاشتى
تۈركىيەدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ساھەسىنىڭ ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ٪31.1 ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ساھەسىنىڭ ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ٪31.1 ئېشىپ، بىر مىليارد 683 مىليون دوللارغا يەتتى.
تۈركىيە ئېكسپورتچىلار كېڭىشىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 3 – ئايدا زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ساھەسىنىڭ ئېكسپورتى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ٪70.3 ئېشىپ، 740 مىليون 200 مىڭ دوللارغا يەتكەن.
بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ساھەسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 371 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورت قىلغان.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن قالسا، شىۋېيتسارىيەگە 280 مىليون 600 مىڭ دولارلىق، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 223 مىليون 100 مىڭ دوللارلق، خوڭكوڭغا 144 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورت قىلىنغان.
ئەڭ كۆپ زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ئېكسپورت قىلىنغان باشقا دۆلەتلەر قىرغىزىستان، مېكسىكا، ئىسرائىلىيە ۋە گېرمانىيە بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.