تۈركىيەدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى فېۋرالدا ئاشتى

تۈركىيەدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى فېۋرالدا ئايلىق نىسبەتتە % 4.3 ئېشىپ، 82.5 كە يەتتى.

1948687
تۈركىيەدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى فېۋرالدا ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، تۈركىيەنىڭ فېۋرال ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن تۈركىيە مەركەز بانكىسى تەرىپىدىن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان «ئىستېمال يۈزلىنىشىنى تەكشۈرۈش» نەتىجىسىە، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ فېۋرالدا يانۋار ئېيىغا قارىغاندا % 4.3 ئاشقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

ئالدىنقى ئايدا % 79.1 بولغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى بۇ ئايدا % 82.5 كە يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى فېۋرالدا يېقىنقى 23 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر