ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈمنى ئۆستۈردى

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى (Fed)، پۇل سىياسىتى ئۆسۈمىنى 25 نومۇر ئۆرلىتىپ 16 يىل مابەينىدىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان %4.50 لىك ئۆسۈمنى %4.75 كە ئۆستۈردى.

1941046
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈمنى ئۆستۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قارارىنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، فېدېراتسىيە ئوچۇق بازار كومىتېتىنىڭ (FOMC) ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە پۇل پاخاللىقىنى %2 كە چۈشۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقى، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۆسۈمنى %4.75 كە ئۆستۈرۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئەڭ يېڭى كۆرسەتكۈچنىڭ چىقىم ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوتتۇراھال ئېشىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى، يېقىنقى ئايلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«پۇل پاخاللىقى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ئەمما يەنىلا يۇقىرى.»

كومىتېتنىڭ پۇل پاخاللىقى خەۋپىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەسلىدىنلا ناچار بولغان يەر شارى ئېنىقسىزلىقىنىڭ ئېشىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا، كومىتېتنىڭ پۇل سىياسىتىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى %2 كە چۈشۈرۈشى ئۈچۈن ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى «داۋاملاشتۇرۇش» نىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر