رۇسىيە ئۇكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى %20 ئاشۇردى

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى «گازپروم» (Gazprom) ئۇكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى بۈگۈن (1-فېۋرال) تۈنۈگۈنكىگە سېلىشتۇرغاندا %20 ئاشۇرۇپ، 29 مىليون 400 مىڭ كۇبمېتىرغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1940577
رۇسىيە ئۇكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى %20 ئاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، سوھرانېۋكا تارقىتىش نۇقتىسىدىن گاز يەتكۈزۈش تەلىپىنىڭ ئۇكرائىنا تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گاز يەتكۈزۈشنىڭ سۇجا نۇقتىسىدىن داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، بۇ نۇقتىدىن توشۇش مىقدارىنىڭ بۈگۈن 29 مىليون 400 مىڭ كۇبمېتىرغا چىقىرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

گازپروم تۈنۈگۈن (31-يانۋار) ئۇكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا 24 مىليون 500 مىڭ كۇبمېتىر تەبىئىي گاز ئەۋەتكەن بولۇپ،  شۇنداق قىلىپ، گازپرومنىڭ گاز يەتكۈزۈش نىسبىتى 31 - يانۋارغا سېلىشتۇرغاندا %20 ئاشقان بولدى.

ئۇكرائىنا 2022-يىلى مايدا رۇسىيە تەبىئىي گازىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتىدىغان سوھرانېۋكا تارقىتىش نۇقتىسىدىن گاز يەتكۈزۈشنى توختاتقان ئىدى.

گازپرومنىڭ شىمالىي ئېقىم تۇرۇبا لىنىيەلىرى، يامال-ياۋروپا ئارقىلىق غەربىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشمۇ توختاپ قالغان ئىدى.

گازپرومنىڭ بۇ رايونلارغا گاز يوللىشى پەقەت ئۇكرائىنا ئارقىلىقلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر