مىكروسوفت 10 مىڭ خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىدۇ

ئامېرىكا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىن مىكروسوفت 10 مىڭ خىزمەتچىنى ئشىتىن چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1934993
مىكروسوفت 10 مىڭ خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىدىن ساتيا نادېللا (Satya Nadella) شىركەت خىزمەتچىلىرىگە قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، مۇھىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى، خېرىدارلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ خېرىدارلارنىڭ رەقەملىك چىقىمىنى ئەلالاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز يەنە دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا ئىقتىسادنىڭ تۇرغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى، يەنە بەزى جايلاردا ئىقتىسادنىڭ تۇرغۇنلۇقتا بولۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھەر ساھە ۋە ھەر قايسى رايونلاردىكى شىركەتلەرنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ شىركەتنىڭ بۇ ئەھۋالدىن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان ھالدا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ تەرەققىياتلارغا ماسلىشىپ قەدەم تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مىكروسوفتنىڭ چىقىمىنى كىرىم ۋە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ماسلاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى، شۇڭا بۇ دائىرىدە 2023-يىللىق مالىيە يىلىنىڭ ئۈچىنچى پەسلىنىڭ ئاخىرىغىچە 10 مىڭ كىشىنى ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بۇ ساننىڭ مىكروسوفتنىڭ ئومۇمىي خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %5 گىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بەزى رايونلاردىكى ئورۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن بىللە، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە داۋاملىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر