گازپرومنىڭ ياۋروپاغا گاز يەتكۈزۈش مىقدارى ئازايدى

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپرومنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنى ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارى، بۈگۈن (19-يانۋار) تۈنۈگۈنكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %23 ئازىيىپ 25.1 مىليون كۇب مېتىر بولىدۇ.

1935226
گازپرومنىڭ ياۋروپاغا گاز يەتكۈزۈش مىقدارى ئازايدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىدا ئازىيىش بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

شىركەتنىڭ باياناتىدا، شىركەتنىڭ سوخرانىۋكا تەبىئىي گاز پونكىتىدىن گاز يەتكۈزۈش تەلىپىنىڭ ئۇكرائىنا تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، گاز يەتكۈزۈشنىڭ سۇجا نۇقتىسىدىن داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە مەزكۇر نۇقتىدىن يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارىنىڭ بۈگۈن 25.1 مىليون كۇب مېتىر بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا زېمىنى ئارقىلىق ياۋروپاغا 32.6 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزگەن گازپرومنىڭ گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 18-يانۋارغا سېلىشتۇرغاندا %23 ئازايغان بولىدۇ.

ئۇكرائىنا 2022-يىلى مايدا ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە تەبىئىي گازىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتىدىغان سوخرانىۋكا گاز پونكىتىنى تاقىغان ئىدى.

گازپرومنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپاغا قارىتىلغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئىشلىرى «شىمالىي ئېقىم تۇرۇبا يولى» ۋە «يامال-ياۋروپا» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا ئىدى.

گازپرومنىڭ مەزكۇر رايونلارغا گاز يەتكۈزۈش ئىشلىرى ئۇكرائىنا زېمىنى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر