ماسك تېسلانىڭ 3 مىليارد 580 مىليون دوللارلىق پېيىنى ساتتى

توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى — تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك، بۇ ھەپتە يەنە 3 مىليارد 580 مىليون دوللارلىق تېسلا پېيىنى سېتىۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1919450
ماسك تېسلانىڭ 3 مىليارد 580 مىليون دوللارلىق پېيىنى ساتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاكسىيە كومىتېتىغا يوللانغان مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىدا، ماسكنىڭ شىركەتنىڭ 22 مىليون پېيىنى سېتىۋەتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تۋىتتېرنى 44 مىليارد دوللارغا سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم پاي ساتقان ماسك، نويابىر ئېيىدىمۇ تېسلانىڭ 3 مىليارد 950 مىليون دوللارلىق پېيىنى سېتىۋەتكەنىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ماسك بۇنىڭ يىلنىڭ  4 - ئېيىدا تەخمىنەن 8 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق، 8- ئېيىدا 6 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق تېسلا پېيىنى سېتىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر