مۇستاپا ۋارانك پارلامېنتقا تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ئاپتوموبىلى <TOGG > نى ھەيدەپ كەلدى
سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانك تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) غا تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ئاپتوموبىلى بىلەن كەلدى.
1917373
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا ۋارانك خامچوت مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) غا بېرىشتا تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ئاپتوموبىلى <TOGG > نى ئىشلەتتى.
مۇستاپا ۋارانك تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئالدىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، »تۈركىيەنىڭ 60 يىللىق ھاياجانى ۋە ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. بۇ ئىتىخارنى پۇقرالىرىمىزنىڭ كۆرۈشىنى خالىدۇق» دېدى.
مۇستاپا ۋارانك: «پۈتۈن كۈن بويىچە <TOGG> بۇ يەردە (پارلامېنتتا) بولىدۇ. ھۆرمەتلىك پارلامېنتت ئەزالىرىمىز كېلىپ ئۇنى كۆرسە بولىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.