ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى تۈركىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرىنى ئېلان قىلدى
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدا %5.3، كېلەر يىلى %3 ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
1909632
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ 3-پەسىللىك يەرشارىغا نەزەر دوكلاتىدا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2024-يىلى %3.4 ئېشىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا تۈركىيە ئىقتىسادى توغرىسىدا: «مالىيە سىياسىتى، ئېنېرگىيە ئىستېمالچىلىرىنى قوللاش تەدبىرلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار تۇرالغۇ ئۆي تۈرلىرى مۆلچەرلەش مەزگىلى بويىچە ياردەمچى رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۆلچەرلىنىشىچە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ يىلنى ئاخىرىدا %2.8، 2023-يىلى %0.8، 2024-يىلى %1.4 ئاشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.