نورۋېگىيە تەبىئىي گازى پولشاغا يەتكۈزۈلۈشكە باشلاندى

نورۋېگىيە تەبىئىي گازىنى دانىيە ئارقىلىق پولشاغا يەتكۈزىدىغان «بالتىق تۇرۇبا لىنيەسى» دە (BalticPipe) گاز يەتكۈزۈش باشلاندى.

1900737
نورۋېگىيە تەبىئىي گازى پولشاغا يەتكۈزۈلۈشكە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە تەبىئىي گازىنى دانىيە ئارقىلىق پولشاغا يەتكۈزىدىغان «بالتىق تۇرۇبا يولى» دە (BalticPipe) گاز يەتكۈزۈش باشلاندى.

دانىيە ئېنېرگىيە ئورگېنى ئېنېرجېيىنتنىڭ (Energinet) باياناتىدا، گاز يەتكۈزۈش مۇساپىسىغا «مۇرەككەپ» دەپ باھا بەردى.

نورۋېگىيەدىن پولشاغا يىلىغا 10 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان بۇ تۇرۇبا يولى 27-سېنتەبىر (2022) ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.

تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنىڭ 1-ئۆكتەبىر (2022) باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى، ئەمما بۇ قارار ئېنېرجېيىنت تەرىپىدىن ئۈچ قېتىم كېچىكتۈرۈلدى. پولشا 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، يېڭى تۇرۇبا يولىدىن بۈگۈنگىچە ياۋروپا تەبىئىي گاز سىستېمىسى ۋە شىمالىي دېڭىزنىڭ دانىيە قىسمىدىن گاز سېتىۋېلىش ئۈچۈن پايدىلانغان ئىدى.

بۈگۈندىن (1-نويابىر) باشلاپ نورۋېگىيە گازى مەزكۇر تۇرۇبا يولىدىن ئېقىشقا باشلىدى ۋە بىۋاسىتە پولشا تەبىئىي گاز سىستېمىسىغا كىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر