دۇنيا بانكىسى ئېنېرگىيە باھاسى توغرىسىدىكى مۆلچەرىنى ئېلان قىلدى
دۇنيا بانكىسى، بۇ يىل %59.1 ئۆرلىگەن ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ 2023 – يىلى %11.2 تۆۋەنلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى «تاۋار بازارلىرىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىنىڭ 2022 - يىللىق ئۆكتەبىر سانىنى ئېلان قىلدى؛ دوكلاتتا، ياۋروپادا يېتىپ كېلىۋاتقان قىش ئايلىرىدا ئېنېرگىيەگە ئېرىەلمەسلىك ئەندىشىلەرنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، ئېنېرگىيە بازارلىرىنىڭمۇ بىر قاتار تەمىنلەش ئەندىشىسىگە دۇچار بولغانلىقى، مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئاشلىق قاتارلىق ئېنېرگىيە سىرتىدىكى ساھەلەرگە ئەكس ئېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى، بۇنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىۋېتىش مۇمكىنلىكى قاتارلىقلار ئۇچۇر ۋە تەخمىنلەرگە ئورۇن بېرىلدى..
تاۋار باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى ئۇزارتىۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈردىن تەركىب تاپقان ئېنېرگىيە تاۋار باھاسى كۆرسەتكۈچىنىڭ بۇ يىل بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %59.1 ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا، ئېنېرگىيە باھاسى كۆرسەتكۈچىنىڭ 2023-يىلى % 11.2 تۆۋەنلىشىدىن ئۈمىد بارلىقى، بىراق ئۇ تۆۋەنلەشكە قارىماي، باھانىڭ يېقىنقى بەش يىلنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %75 يۇقىرى بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.