ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى گازپرومنىڭ باشلىقى مىللېر بىلەن كۆرۈشتى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپرومنىڭ باشلىقى ئالېكسېي مىللېر بىلەن كۆرۈشتى.

1892221
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى گازپرومنىڭ باشلىقى مىللېر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە گازپروم شىركىتى ئالېكسېي مىللېر بىلەن تۈركىيە ئېنېرگىيە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

گازپروم شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، فاتىھ دۆنمەز بىلەن مىللېرنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەپتىسى» دائىرىسىدە كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، «رۇسىيە گازى تۈركىيەگە <ماۋى ئېقىم> ۋە <تۈرك ئېقىم> تۇرۇبا لىنيەلىرى بىلەن بىخەتەر ھالدا يەتكۈزۈلمەكتە» دېيىلدى.

گازپرومنىڭ باشلىقى ئالېكسېي مىللېر رۇسىيە تەبىئىي گازىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگراسىدا گاز تارقىتىش مەركىزى قۇرۇشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەپتىسى كونفېرانسىدا: «گازپروم يېڭى گاز يەتكۈزۈش تەسىسلىرىنى قۇرۇشقا تېخنىكىلىق جەھەتتىن تەييار. بىر تارقىتىش مەركىزى قۇرۇشقا كەلگەندە، شۈبھىسىزكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە چېگراسىدا گاز سودا ساھەسى شەكىللەندۈرۈشنى ئويلىشىشىمىز كېرەك» دېدى.

مىللېرنىڭ بۇ سۆزلەرنى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 12-ئۆكتەبىر) بۇزغۇنچىلىق سەۋەبىدىن ئىشلىيەلمەيدىغان ھالغا كەلگەن شىمالىي ئېقىم تۇرۇبا يولىدىن يۆتكىگىلى بولمىغان گازنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئەسكەرتىشى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر