خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئۇكرائىناغا 1 مىليارد 300 مىليون دوللار ياردەم بېرىشنى تەستىقلىدى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، يېڭى «ئاشلىق ئەندىشىسى كۆزنىكى» پىروگراممىسى دائىرىسىدە، ئۇكرائىناغا 1 مىليارد 300 مىليون دوللار مەبلەغ ياردىمى بېرىشنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشىنىڭ يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتىدا، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي زىياننىڭ غايەت زور ئىكەنلىكى، بۇنىڭ زور ۋە جىددىي مالىيە ۋە تاشقى مەبلەغ ئېھتىياجى پەيدا قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا، نوپۇس كوللېكتىپ ھالەتتە كۆچكەن، ئۆي – مۈلۈك ۋە باشقا ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلەر ۋەيران قىلىنغان ھازىرقىدەك شارائىتتا، ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنىڭ 2022 - يىلى %35 چېكىنىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىتتا ماكرو پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلاپ قالغان ئۇكرائىنا دائىرلىرىنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.