گازپروم «سىبىرىيەنىڭ كۈچى» تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ گازىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى — گازپروم، ئالدىن پىلانلانغان رېمونت خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن «سىبىرىيە كۈچى» تۇرۇبىسى ئارقىلىق خىتايغا تەبىئىي گاز ئەۋەتىش خىزمەتلىرىنىڭ بىر ھەپتە توختىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1882205
گازپروم «سىبىرىيەنىڭ كۈچى» تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ گازىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «گازپروم» يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «سىبىرىيەنىڭ كۈچى» ناملىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ قەرەللىك رېمونت قىلىش، كۈچەيتىش باسقۇچىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، 22-سېنتەبىردىن 29-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىۋاتقان ئاسراش، رېمونت قىلىش خىزمەتلىرى جەريانىدا بۇ تەبىئىي گاز لىنىيەسىگە گاز پومپىلانمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر