ئاۋسترىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە تۇرمۇش خىراجەتلىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننانى ئۆز ئىچىگە نۇرغۇن شەھەرلەردە تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ يۇقىرى، ئىش ھەققىنىڭ يېتەرسىزلىكى مەسىلىسىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

1881263
ئاۋسترىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە تۇرمۇش خىراجەتلىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشتا، «باھانى ئۆستۈرۈش توختىتىلسۇن» ۋە «باھانى چۈشۈرۈپ، مائاشنى ئۆستۈرۈڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار چىقىرىلدى.

پايتەختتىن باشقا، ئاۋسترىيەنىڭ تەخمىنەن 40 يېرىدە 30 مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىدىن تارتىپ بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ، تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلەپ كېىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىندى.

بۇ جەرياندا،  9 - سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئىككىنچى قېتىم كاندىدات بولغان نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت ئالېكساندر ۋان دېر بېللېنمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، مەملىكەت مىقياسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاۋسترىيەدە پۇل پاخاللىقى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۇدا ئۆرلەپ 1975-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

گەرچە ھۆكۈمەت تۇرمۇش خىراجەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تۈرلۈك ياردەم پىلانلىرىنى ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مائاش مەسىلىسىدە تېخى كۆرۈنەرلىك بىرەر قەدەم تاشلانمىدى.

ئاۋسترىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنىڭ 1600 ياۋرودىن 2000 ياۋروغا ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر