نۇرەددىن نەباتى ئەنگىلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىگە جاۋاب قايتۇردى
خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەددىن نەباتى، ئەنگىلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ ئېقىشى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا، «تۈركىيە ئىقتىسادى ئەندىزىسى: سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكسپورت ۋە ئېشىش» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر نەباتى تىۋىتتېر ھېسابىدا مەزكۇر گېزىتنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋەرلىرىگە دائىر ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
نەباتى خەۋەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىنگلىزچە قايتۇرغان جاۋابىدا، « تۈركىيە ئىقتىسادى ئەندىزىسى: سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكسپورت ۋە ئېشىش » دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ئەنگلىيەنىڭ «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، يېقىندىن بۇيانقى تۈركىيەگە مەبلەغ ئېقىش نىسبىتى ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ زاپىسىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقى تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ، بۇ سومما مىقدارىنىڭ پەقەت ساياھەت كىرىمى بىلەنلا ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەمسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.