تۈركىيە ئاۋغۇست ئېيىدا رۇسىيەگە ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە بولغان ئېكسپورتى ئاۋغۇست ئېيىدا (2022) 738 مىليون 527 مىڭ دوللارغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.

1877579
تۈركىيە ئاۋغۇست ئېيىدا رۇسىيەگە ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە 24-فېۋرالدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە كۆرۈلگەن قالايمىقانچىلىق ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پاسسىپ تەسىرىگە قارىماي، يولغا قويغان تەڭپۇڭلۇق ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۈنۈملۈك تاشقى سىياسەت نەتىجىسىدە، بۇ دۆلەت بىلەن بولغان سودىسىنى ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئېكسپورتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئايلىق رەقەمگە يەتكەن بولۇپ، ئاۋغۇستتا 738 مىليون 527 مىڭ دوللار بولغان.

بۇ مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئېكىسپورتى ئالدىنقى يىلنىڭ (2021) ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %87.2 ئاشتى. رۇسىيەنىڭ تۈركىيە ئېكسپورتىدىكى ئۈلۈشى %3.5 بولدى.شۇنداق قىلىپ، رۇسىيە ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان ئالتىنچى دۆلەتكە ئايلاندى.

تۈركىيە ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان بەش دۆلەتنىڭ ئىچىدە، گېرمانىيە 1 مىليارد 504 مىليون دوللار بىلەن بىرىنچى، ئامېرىكا 1 مىليارد 308 مىليون دوللار بىلەن ئىككىنچى، ئەنگلىيە 1 مىليارد 40 مىليون دوللار بىلەن ئۈچىنچى، ئىراق 934 مىليون 807 مىڭ دوللار بىلەن تۆتىنچى، ئىتالىيە 819 مىليون 286 مىڭ دوللار بىلەن بەشىنچى ئورۇندا تۇردى.تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئېكسپورتىدا، خىمىيەلىك ماددىلار ۋە مەھسۇلاتلار ئەڭ كۆپ ئالدىنقى ئورۇننى تۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر