رۇسىيە گازپرومنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى ئاشقان
گازپروم شىركىتى بازارلادىكى ھازىرقى ئەھۋال داۋاملاشقان ئەھۋالدا، قىشتا گاز باھاسىنىڭ 4 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1868684
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ گازپروم ئېنېرگىيە شىركىتى ياۋروپا بازارلىرىدا تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ 2500 دوللار ئۆتكىلىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر بۇ ئەھۋال داۋاملاشقان ئەھۋالدا، قىش پەسلىدە بىر كۇب مېتىر تەبىئىي گاز 4 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.
گازپرومنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، شىركەتنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ (2022) 7 يېرىم ئايلىق مەزگىلىدىكى گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ (2021) ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. بۇ مەزگىلدە شىركەتنىڭ گاز ئىشلەپچىقىرىشى %13.2 تۆۋەنلەپ، 274.8 مىليارد كۇب مېتىرغا چۈشكەن.
شىركەتنىڭ 1-يانۋاردىن 15-ئاۋغۇستقىچە (2022) مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە قىلغان گاز ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %36.2 تۆۋەنلەپ، 78.5 مىليارد كۇب مېتىرغا چۈشكەن.
باياناتتا، شىركەتنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىدا ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما جەمئىي قانچىلىك ئاشقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بېرىلمىگەن.
باياناتتا يەنە مۇنۇلار قەيت قىلىنغان:
«ياۋروپا بازارلىرىدا تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ 2500 دوللاردىن ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەھۋال داۋاملاشقان ئەھۋالدا قىش پەسلىدە بىر كۇب مېتىر تەبىئىي گاز 4 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.