تۈركىيەنىڭ 4 – چوڭ بۇرغىلاش پاراخوتى ئابدۇلھەمىد خان ۋەزىپە ئۆتەش ئورنىغا يېتىپ باردى

200 كىشىلىك خادىمى بولغان بۇرغىلاش پاراخوتى ئابدۇلھەمىد خان 12 مىڭ 200 مېتىر چۇڭقۇرلۇققىچە بۇرغىلاش ئىقتىدارى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

1866360
تۈركىيەنىڭ 4 – چوڭ بۇرغىلاش پاراخوتى ئابدۇلھەمىد خان ۋەزىپە ئۆتەش ئورنىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دونمەز تۈركىيەنىڭ 4 - بۇرغىلاش پاراخوتى ئابدۇلھەمىد خاننىڭ ئاقدېڭىزدىكى تۇنجى بۇرغىلاش خىزمىتى ئۈچۈن  بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ئورنى يۈرۈكلەر 1 - قۇدۇقىغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر دونمەز تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «ئابدۇلھەمىد خان مىللىتىمىزنىڭ دۇئالىرى ۋە ئۈمىدلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاق دېڭىزدىكى تۇنجى ۋەزىپە ئورنى يۈرۈكلەر 1 - قۇدۇقىغا يېتىپ باردى» دېدى.

يەتتىنچى ئەۋلاد ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە بۇ پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 238 مېتىر، كەڭلىكى 42 مېتىر كېلىدۇ. قوش مۇنار بىلەن ئاكتىپ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىغا ئىگە.

200 كىشىلىك خادىمى بولغان بۇرغىلاش پاراخوتى ئابدۇلھەمىد خان 12 مىڭ 200 مېتىر چۇڭقۇرلۇققىچە بۇرغىلاش ئىقتىدارى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

يۈرۈكلەر 1 - قۇدۇقى ئانتاليانىڭ غازىپاشا رايونىدىن 55 كىلومىتىر يىراقلىقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر