ياۋروپادا تەبىئىي گاز باھاسى رېكورت سەۋىيەگە چىقتى

ياۋروپادا تەبىئىي گاز باھاسى ھەر بىر مېگاۋات سائىتى 223.85 ياۋروغا چىقىپ، رېكورت ياراتتى.

1860090
ياۋروپادا تەبىئىي گاز باھاسى رېكورت سەۋىيەگە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادا تەبىئىي گاز باھاسى ھەر بىر مېگاۋات سائىتى 223.85 ياۋروغا چىقتى.

ياۋروپادا تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە، بۈگۈندىن (27-ئىيۇل) رۇسىيەنىڭ شىمالىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدىن ياۋروپاغا گاز يەتكۈزۈش مىقدارىنى %40 دىن %20 كە چۈشۈرۈشنى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ تەسىر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپادا ئاۋغۇست ئايلىق گاز توختام باھاسى تۈنۈگۈن (26-ئىيۇل) ھەر بىر مېگاۋات سائىتى 199.91 ياۋرو بولغان ئىدى. بۈگۈن 210.25 ياۋرودىن باشلىغان گاز باھاسى تۈنۈگۈنكى باھاغا سېلىشتۇرۇلغاندا %12 ئۆسۈپ 223.85 ياۋروغا چىقتى ۋە مارت ئېيىدىن (2022) بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

رۇسىيە گازپروم ئېنېرگىيە شىركىتى دۈشەنبە كۈنى (2022-يىلى 25-ئىيۇل) گېرمانىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا گاز يەتكۈزىدىغان لىنيەلەردىن بىرى شىمالىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ كۆرۈلگەن تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلىدىن تاقالغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ ئازايتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ جەرياندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى تۈنۈگۈن (26-ئىيۇل) رۇسىيەدىن يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارىنىڭ ئازايتىلىش ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇپ، گاز ئىستېمالىنى %15 ئازايتىش توغرىسىدا كېلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر