ئىران بىلەن گازپروم 40 مىليارد دوللارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئىران بىلەن رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى — گازپروم ئوتتۇرىسىدا ئىران نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەلىرىگە 40 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى مەزمۇن قىلغان رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1856853
ئىران بىلەن گازپروم 40 مىليارد دوللارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى، كېلىشىمنىڭ ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى بىلەن رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى باش دىرېكتورى مۇھسىن خوجەستەمەھر كېلىشىمگە «چەت ئەلنىڭ ئىران نېفىت ساھەسىگە ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىشىنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىم» دەپ باھا بەردى.

«دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى بىلەن گازپروم ئوتتۇرىسىدا 40 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى مەزمۇن قىلغان رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى». دېگەن خوجەستەمەھر، گازپرومنىڭ كېلىشىم دائىرىسىدە، ئىراننىڭ شىمالىي پارس ۋە بەسرە قولتۇقىدىكى كىش ئارىلىغا يېقىن جايدىكى ئىران تەبىئىي گازلىقىنى ئېچىش ۋە ئىران سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن نەچچە ئون مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر