قۇشئاداسىغا بىر قېتىمدىلا مىڭلارچە ساياھەتچى يېتىپ كەلدى

ساياھەت پاراخوتى ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان قۇشئاداسىغا تەخمىنەن 6 مىڭ 700 ساياھەتچى ئولتۇرغان بەش پاراخوت يېتىپ كەلدى.

1852272
قۇشئاداسىغا بىر قېتىمدىلا مىڭلارچە ساياھەتچى يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالتا بايرىقى ئېسىلغان Celestyal Olimpia ۋە Star Flyer بىلەنپاناما بايرىقى ئېسىلغان MSC Lirica، نورۋېگىيە بايرىقى ئېسىلغان Viking Sky ۋە مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان Seven Seas Explorer ناملىق بەش پاراخوت يولۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەگە پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى.

پاراخوتتىن چۈشكەن بىر قىسىم ساياھەتچىلەر ئەفەس ۋە مەريەم ئانا ئۆيى ساياھىتىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسلارغا ئولتۇرۇپ پورتتىن ئايرىلدى، ساياھەت پىروگراممىسىغا قاتناشمىغان ساياھەتچىلەر بولسا، رايون مەركىزى ۋە بازارلارنى سەييارە ھالەتتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر