سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئايروپىلان ترابزونغا يېتىپ كەلدى

ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قوزغالغان بىر ئايروپىلان 172 كىشىلىك ساياھەت ئۈمىكىنى ئېلىپ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ترابزونغا يېتىپ كەلدى.

1851033
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئايروپىلان ترابزونغا يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساياھەتچىلەر ترابزون ئايرودرومىدا گۈل - چېچەكلەر بىلەن قارشى ئېلىندى؛ ترابزون ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مۇئاۋىن دېرىكتورى مۇستافا ئاسان ۋە تۈركىيە ساياھەت شىركەتلىرى جەمئىيىتى شەرقىي قارا دېڭىز رايونى رەئىسى ۋولقان كانتارجى يولۇچىلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇچقۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىغا گۈل تەقدىم قىلدى.

ئاندىن ساياھەت ئۈمىكى مۇلازىمەت ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرۇپ مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتى.

كانتارجى، شەرقىي قارا دېڭىز رايونىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەت ساھەسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، يېڭى ساياھەت پەسلىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ترابزونغا تۇنجى ساياھەتچىلەر ئايروپىلانىنىڭ كەلگەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋولقان كانتارجى يېقىنقى يىللاردا ترابزون ۋە شەرقىي قارا دېڭىز رايونىنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر