تۈركىيە دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى مەبلىغى 46 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، «2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىز شىركەتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى مەبلىغى 46 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى» دېدى.

1848202
تۈركىيە دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى مەبلىغى 46 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى
akdeniz oyunları.jpg
oktay cezayir akdeniz oyunları.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ئالجىرىيەنىڭ ئوران شەھىرىدە بىر تۈركىيە شىركىتىنىڭ پولات-تۆمۈر سانائىتى ئالجىرىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، مەسئۇلاردىن مەلۇمات ئالدى ۋە بۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى تۈركىيەلىك ئىشچىلار بىلەن كۆرۈشتى.

فۇئات ئوكتاي تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يالغۇز ئىككى دۆلەتنىڭلا ئەمەس، بەلكى تۇرۇشلۇق پۈتۈن رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىزگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئىشچىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىز شىركەتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى مەبلىغى 46 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇنىڭدا شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۈلۈشى %4.1 ئەتراپىدا بولدى. بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيەگە سالغان مەبلىغى 5 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ مەبلەغ تېخىمۇ ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي يەنە، ئوران شەھىرىدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 19 -  نۆۋەتلىك ئاق دېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

فۇئات ئوكتاي ئېچىلىشتىن ئىلگىرىكى زىياپەتتە، پىرېزىدېنت ئابدۇلمەجىد تېببۇن ۋە قاتارنىڭ ئەمىرى تامىم بىن ھامىد ئەس-سانى بىلەن كۆرۈشتى. زىياپەتتىن كېيىن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان تەنتەربىيە زالىغا باردى. تەنتەربىيە زالىدا باشقا دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆزدىن كەچۈردى.

19 – نۆۋەتلىك ئاقدېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا 24 ئوخشىمىغان تۈر بويىچە تۈركىيەدىن 321 تەنھەرىكەتچى قاتناشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر