بۇ يىل ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 3 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى
ئانتاليادا ساياھەت پائالىيىتى داۋاملىق كۈچەيمەكتە. دېڭىز، قۇم، قۇياش ۋە تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
1842242
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1-يانۋاردىن 12-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئانتالياغا ئايروپىلان بىلەن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 3 مىليون 104 مىڭ 300 گە يەتكەن.
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە 949 مىڭ 182 ساياچەتچىنى كۈتۈۋالغان ئانتاليادا، بۇ يىل ساياھەتچىلەرنىڭ نىسبىتى %227 ئاشقان.
ئىيۇن ئېيىنىڭ ئالدىنقى 12 كۈنىدە بولسا، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %241 ئېشىپ، 688 مىڭ 993 ساياھەتچى شەھەرگە كەلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.