گازپروم ياۋروپا ئېنېرگىيە شىركىتى ۋە دانىيە شىركىتىنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى
رۇسىيەنىڭ گازپروم شىركىتى ياۋروپا شېل ئېنېرگىيە شىركىتى (Shell Energy Europe) ۋە دانىيەنىڭ ئورستېد (Orsted) شىركىتىنى گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ گازپروم ئېنېرگىيە شىركىتى ياۋروپا شېل ئېنېرگىيە شىركىتى ۋە دانىيەنىڭ ئورستېد شىركىتىنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، يۇقىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ گاز پۇلىنى رۇبلې بىلەن تۆلەشنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
گاز پۇلىنىڭ 1-ئاپرېلدىن (2022) تارتىپ رۇبلې بىلەن تۆلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، بۇ شەرتكە بويسۇنمىغان ياۋروپا شېل ئېنېرگىيە شىركىتى ۋە دانىيەنىڭ ئورستېد شىركىتىنى گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ بۈگۈندىن (1-ئىيۇن) باشلاپ توختىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
گازپروم شىركىتى رۇبلې بىلەن گاز سېتىۋېلشىنى رەت قىلغان پولشا، بۇلغارىيە، فىنلاندىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.