رۇسىيە گوللاندىيەنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى

گوللاندىيە دۆلەتلىك گاز شىركىتى گاستېررا (GasTerra) گاز پۇلىنى رۇبلې بىلەن تۆلەشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە گازپروم شىركىتى (Gazprom) 31-مايدىن (2022) باشلاپ گوللاندىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1835100
رۇسىيە گوللاندىيەنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە دۆلەتلىك گاز شىركىتى گاستېررا رۇسىيە گازپروم شىركىتىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ گوللاندىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گاستېررا شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن گازپروم بانكاسىدىن ياۋرو ۋە رۇبلې ھېسابى ئېچىپ، گاز پۇلى تۆلەشنى تەلەپ قىلغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

گاستېررانىڭ بۇنى رەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «بۇ خىل ئۇسۇلدا پۇل تۆلەش مالىيە ۋە تىجارەت خەۋپى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا خىلاپلىق قىلىش خەۋپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. موسكۋادا رۇسىيە قانۇنى بويىچە ھېسابات ئېچىش ۋە بۇ ھېساباتنى رۇسىيە ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا قىلىش شىركىتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ خەتەر ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا پۇل تۆلەشنى رەت قىلغانلىقىمىزغا قارىتا، <گازپروم> 31-مايدىن باشلاپ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، گازپرومنىڭ 31-مايدىن 1-ئۆكتەبىرگىچە (2022) بولغان توختامنىڭ مۇددىتى توشقىچە گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ توختىتىشىنىڭ، 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ سېتىۋېلىنمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

گاستېررانىڭ بۇ تەرەققىياتنى ئالدىن مۆلچەرلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا تەبىئىي گاز بازىرى بىر گەۋدىلەشكەن كەڭ بازار. 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ كەم بولۇشى ئېھتىياج تەمىنلىشىگە ۋە ياۋروپا بازىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش قىيىن. گاستېررا بىر قانچە قېتىم گازپرومنى توختامغا ئاساسەن قوبۇل قىلىنغان پۇل تۆلەش پىرىنسىپى ۋە تەمىنلەش مەسئۇلىيىتىگە بويسۇنۇشقا چاقىردى. ئەمما، بۇ كارغا كەلمىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر