داۋوس باشلىقلار يىغىنى ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا باشلاندى

«داۋوس باشلىقلار يىغىنى» دەپمۇ بىلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى (WEF) ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19) يۇقۇمى سەۋەبىدىن 2 يىل توختىتىلغاندىن كېيىن، شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس يېزىسىدا قايتا باشلاندى.

1830639
داۋوس باشلىقلار يىغىنى ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2020-يىلى 1-ئايدا 50 - نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەر يىغىنى يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۇدا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەن ۋە تور يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

تارىختا تۇنجى قېتىم دىكابىر سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەر يىغىنىغا 50 دۆلەت رەھبىرى، 300 ھۆكۈمەت ۋەكىلى ۋە تەخمىنەن 2500 خەلقئەرالىق سودا مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، 23-مايدىن 26-مايغىچە (2022) «ئوچۇق مۇنبەر» تېمىلىق خەلققە ئوچۇق قوشۇمچە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پائالىيەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ (كوۋىد -19) تەسىرى، رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدىن بۇيانقى ئۇكرائىنا ئىشغالى ۋە كۆپ قۇتۇپلۇقنىڭ ياۋروپانىڭ تىنچلىقىدا ئوينىغان رولى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

26 – مايدا ئاخىرلىشىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى (WEF) نىڭ بۇ يىللىق تېمىسى «بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىكى تارىخ؛ ھۆكۈمەت سىياسەتلىرى ۋە سودا دۇنياسىنىڭ ئىستراتېگىيىسى» قىلىپ بېكىتىلدى.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى (WEF)  نىڭ مەقسىتىگە قارىتا «دۇنيانىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ياكى ئاشۇرمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللار كۆپىيىشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر