ئامېرىكا ۋە ياۋروپا نېفىت شىركەتلىرى ۋېنېزۇئېلادا پائالىيەت باشلايدۇ

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا نېفىت شىركەتلىرى ۋېنېزۇئېلادىكى پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن باشلايدۇ.

1828809
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا نېفىت شىركەتلىرى ۋېنېزۇئېلادا پائالىيەت باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دېلگى رودرىگىز تۋىتېردا بايانات ئېلان قىلىپ: «ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا نېفىت شىركەتلىرىگە ۋېنېزۇئېلادىكى پائالىيتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە قايتىدىن باشلاش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى توغرىلىدى شۇنداقلا تەستىقلىدى» دېدى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلاغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «دۇنيا ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشى يولىدا تۇنجى قەدەملىرىنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن باسقانلىقىنى، قانۇنسىز ئېمبارگولارنى ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ قورشاۋنى يەڭگەنلىكىنى بىلىدۇ. خەلقىمىز يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى خىزمەتلىرىمىزنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە» دېدى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلانىڭ دېموكراتىك مەنىۋى بايلىقلارغا تايانغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر