ئارامكو دۇنيانىڭ بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركىتىگە ئايلاندى

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى — ئارامكو بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەتلەر تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

1826067
ئارامكو دۇنيانىڭ بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركىتىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن پايدىلانغان سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت شىركىتى ئارامكونىڭ بازار قىممىتى چارشەنبە كۈنىگە قەدەر 2 تىرىليون 422 مىليارد دوللارغا يەتتى.

ئامېرىكا تېخنىكا شىركىتى — ئالمانىڭ بازار قىممىتى يېقىنقى تېخنىكا پاي چەكلىرىنىڭ سېتىلىشىدىن كېيىن 2 تىرىليون 377 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالدى.

شۇنداق قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئارامكو شىركىتى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەتكە ئايلىنىپ، 2020-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئالما شىركىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر