ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى 2021-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1.1 پوئىنت  ئازىيىپ % 12 كە تۆۋەنلىدى.

1800398
ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ «2021 – يىللىق ئەمگەك كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلار» ناملىق دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى 2020-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 121 مىڭ ئادەم ئازايغان، شۇنىڭ بىلەن، ئىشسىزلارنىڭ سانى  3 مىليون 919 مىڭ ئادەمگە تۆۋەنلىگەن.

ئىشسىزلىق نىسبىتى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1.1 پوئىنت  ئازىيىپ % 12 كە تۆۋەنلىگەن.

2020-يىللىق ئىشسىزلىق نىسبىتى% 13.1 بولۇپ، ئىشسىزلار سانىنىڭ 4 مىليون 40 مىڭ ئادەم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر